• ﺑﯘ ﺩﯦﻠﻮﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟

  • يوللىغۇچى : ئابلىكىم
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-02-08 01:52
  • ﺑﯘ ﺩﯦﻠﻮﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟

    ﺩﯦﻠﻮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ: ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ 5000 ﻳﯜﻩﻥ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﺎ 4900 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ, 100ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 4900 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻤﺎﻱ, 100 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﯩﺪﯨﻜﻰ «ﭘﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻣﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻼﻣﺴﯩﺰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ, ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﯩﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﭘﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ 4900 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻟﯩﻢ 100 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 4900 ﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ, ﺩﯦﻠﻮ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
    ﺩﯦﻠﻮ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻰ: ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺩﯦﻠﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ; ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ, ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ.
    ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ, ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ, ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺶ, ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ, ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺩﯦﻠﻮﺩﺍ ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ, 4900 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ, ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﺳﺘﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺧﻠﻰ-ﺗﻪﺭﯗﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ, ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ 264-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ, ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﭘﯩﻴﺎﻧﻪ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺧﻠﻰ -ﺗﻪﺭﯗﺯ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻟﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺩﯦﻠﻮﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ 100 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 4900 ﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﯘﻝ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﯩﺪﺍ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻛﺎﺳﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 4900 ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. 

    مەنبەسى :ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك