• ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ؟

  • يوللىغۇچى : ئابدۇۋەلى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-02-09 01:45
  • ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ؟

    ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ «ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﭖ, ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﯜﭖ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﺵ, ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﯜﺵ-ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ, ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﯛﺵ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ, ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﺍﺵ-ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﯛﺵ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ, ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

    ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﭖ, ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﯜﭖ, ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ, ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﯦﺠﯩﻢ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ, ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ;ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ, ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ, ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

    ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﯛﺵ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ, ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ, ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ, ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﯩﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ.

    ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ «ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﯩﯔ 353-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 2-ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ «ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ, ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ, ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

    ﻳﺎﺷﻼﺭ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ, ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ 353-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 3-ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ «ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﭖ, ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﯜﭖ, ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

    مەنبەسى :ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك