• ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ

  • يوللىغۇچى : ئابدۇۋەلى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-02-10 11:17
  • ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ

    ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺳﻪﻟﻼ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ, ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ - ﺩﻩ, ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ, ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ?

    ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ. ﺑﻪﺯﻯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ -ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﻮﺷﯘﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ‹‹ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ››ﺩﺍ:‹‹ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ, ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ›› ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﯚﻱ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ, ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

    ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﻮﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺟﻮﺭﯨﺴﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻦ, ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ, ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻮﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ, ﺋﻪﻝ - ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺸﯩﮕﯩﻼ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﻤﻪﻥ,ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ, ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ, ‹‹ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ››ﺩﺍ: ‹‹ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﻮﺭﯨﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ, ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ, ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ›› ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻮﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﺵ- ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺵ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻼﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ, ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻖ, ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ, ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺯﺗﯘﺭﺍ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ,ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ -ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ - ﺗﻪﺭﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ, ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ- ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ, ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ, ﺳﻮﺩﺍ -ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. «ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ», «ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﯞﻩ «ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﺩﺍ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ. 

    مەنبەسى :ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك