• ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-21 01:02
  • ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ

    ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ, ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯗ, ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﯚﻱ-ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺩﯗﻣﯧﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ-ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯓ , ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    1.ﻧﯩﺸﺎﻧﺴﯩﺰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ. ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﺎ, ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ, ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺳﯧﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ, ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﭼﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻛﯩﺮﯨﻢ-ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺱ.

    2.ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ. ﺋﯚﻱ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ? ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯚﻱ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ, ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﻳﺪﯗ. «ﺑﺎﮬﺎ ﭼﯧﻜﻰ, ﻗﻪﺭﺯ ﭼﯧﻜﻰ, ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﭼﯧﻜﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﮬﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﻩﺭ.  ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﺴﯩﺒﻪﺗﻪﻥ, ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ, ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺩﯨﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


    3.ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ, ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﺎﯕﻼﺵ. ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ «ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ». ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ, ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

     ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ, ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ, ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك