• «پاي چېكى شاھى» باففېت: ئەلى بابانىڭ پېيىنى سېتىۋالماي خاتا قىپتىمەن

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-22 10:57
  • «پاي چېكى شاھى» باففېت: ئەلى بابانىڭ پېيىنى سېتىۋالماي خاتا قىپتىمەن

    21-ئىيۇل قويۇلغان سىنا مالىيە ئىقتىساد تورىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا «پاي چېكى شاھى» ۋاررېن باففېت ئەينى چاغدا ئەلى بابانىڭ پېيىنى سېتىۋالمىغىنى خاتا بولغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلغان.

    سۆھبەت رىياسەتچىسى پىروگراممىدا باففېتتىن ئامېرىكا پاي بازىرىدا ئۆسۈۋاتقان جۇڭگونىڭ چولپان پايلىرىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. بۇ سوئال باففېتنىڭ «ئازابى»نى قوزغىغان. باففېت دەرھال ئەلى بابانى تىلغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. «يەتتە سەككىز يىل بۇرۇن ما يۈننى ئۇچراتقان ھەم بىللە تاماق يېگەنىدىم. ئۇنىڭ قالتىس سودىگەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانتىم. لېكىن ئۇنىڭ كەسپىنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم، شۇنىڭ بىلەن سېتىۋېلىش كېرەك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلدىم، ئەلۋەتتە، ئۇ بازارغا سېلىنغاندا ئاندىن سېتىۋالالايتتىم.»

    باففېت ئەپسۇسلانغان ھالدا: «شەكسىزكى، ما يۈن ئەلى بابانى ئادەتتىن تاشقىرى يۈرۈشتۈردى، لېكىن مەندە ھېچقانداق پاي يوق، چۈنكى مەن بۇ جەھەتتىكى 5 يىل ياكى 10 يىللىق رىقابەت ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم، مەن ئامازوننىڭ بېزوستىمۇ ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلدىم» دېدى.

    ھازىر ئەلى بابانىڭ پاي باھاسى 150 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، بازار قىممىتى 384 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، ئاسىيادىكى بىرىنچىلىك ئورنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. بۇ يىلدىن بۇيان ئەلى بابانىڭ پاي باھاسى %65 ئۆستى. ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆسۈش نىسبىتى %77كە يەتكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار ئىختىيارسىز ھالدا ئەلى بابانىڭ پاي باھاسى ئالمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

    ھادىسە دەرىجىلىك ئېشىش ئىپادىسى ۋال كوچىسىنى ئەلى بابانى قايتا تونۇشقا مەجبۇرلىدى، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى ئەلى بابانىڭ ئەندىزىسى ئامېرىكىدا بۇرۇن يوق ئىدى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەمىنلەشكە بولىدۇ.

    باففېتمۇ ئەلى باباغا بولغان تونۇشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن دەسلەپكى مەزگىللىك سېتىۋېلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويغان. ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇسلۇبى مۇقىم، ئېھتىياتچانلىقى بىلەن داڭلىق، ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە مەبلەغ سالىدۇ، مەسىلەن پۇل مۇئامىلە سۇغۇرتىسى، ئىستېمال بۇيۇملىرى، ياسىمىچىلىق. ما يۈننىڭ «قالتىس سودىگەر»لىكىنى يۈزتۇرانە ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن باففېت يەنىلا يېقىن تۇرغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان، بۇ مەبلەغ سالغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ ئازاب.

    «بېزوس بىلەن ما يۈن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر، ئادەتتىن تاشقىرى كەسىپ قۇردى. مەن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇردۇم، لېكىن ئۇنىڭدىن پۇل تاپالمىدىم» باففېت بېشىنى ئازراق چايقاپ سەل ئۈمىدسىزلەنگەن كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى ھەم ئۆزىنى-ئۆزى مەسخىرە قىلىپ: «مەن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇردۇم، لېكىن ئۇنىڭدىن پۇل تاپالمىدىم، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا قايىل» دەپ تەكرارلىدى.

    باففېتمۇ تىرىشىپ ئېقىمنى تۇتۇۋاتىدۇ، ئۇ 2016-يىلى مۇتەئەسسىپ ساھەنى بۆسۈپ ئۆتۈپ 6 مىليارد 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئالما شىركىتىگە مەبلەغ سېلىپ ئالمىنىڭ 4-چوڭ پايچىكىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ كونا ھەمراھى چارلىي مۇنگېر باففېت ساراڭ بولغىنى يوق، داۋاملىق ئۆگىنىۋاتىدۇ دېدى.

    پۈتكۈل ۋال كوچىسىمۇ ئەلى بابا توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئۆگەنمەكتە. پېيى بازارغا سېلىنغاندا ئەينى چاغدىكى ئەڭ چوڭ ئاشكارە پاي تارقىتىش رېكورتى يارىتىپ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى كەڭ خەۋەر قىلغان، مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ ما يۈننىڭ سېھرىي كۈچىگە قايىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن غەربنىڭ ئەلى بابانىڭ ئۆزگىچە سودا ئەندىزىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىگە بىر جەريان كېتىدۇ. ئەلى بابانىڭ ئۈزلۈكسىز تېز ئېشىۋاتقان ئىپادىسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ جەريانىنى تېزلەتتى. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك