• ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-23 08:21
  • ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ

    ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    1. ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ. ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﻗﻼﻧﺴﺎ ﻣﯧﯟﻩ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺯ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    2. ﺗﯧﺰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯧﺰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ. ﺗﯧﺰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯧﺰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ, ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ, ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

    3. ﺗﻮﻙ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﻰ. ﺗﻮﻙ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ. ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﺗﻮﻙ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺗﻮﻙ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.

    4.ﮬﻪﺟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ. ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ-ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ 60 ﻟﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 90 ﻟﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﮬﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﯔ.

    5. ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ. ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﻨﭻ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    6. ﻗﯩﺮﻭ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ. ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺮﻭﻧﻰ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﺎﻣﺪﯗ, ﺑﯘﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺮﻭﻧﻰ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺯﯨﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 


    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك