• ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-24 06:21
  • ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

    تەيۋەن سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخس چېن ماۋباڭ 15 يېشىدا تىرىكچىلىك ئۈچۈن، ئوقۇشتىن توختاپ، شۇ چاغدا تەيۋەندىكى ئىككىنچى چوڭ كىتابخانا «مەدەنىيەت سارىيى»دا خىزمەتچى بولغان، ئۇ ھەر كۈنى 12 سائەت ئىشلىگەن. ئۇ كۈندۈزى كىتابخانىدا ئىشلەپ، كېچىسى يەنە شۇ كىتابخانىدا ياتقان. شۇڭا كەچ سائەت 9 دا كىتابخانا تاقالغاندىن كېيىن، كىتابخانا ئۇنىڭ شەخسىي قىرائەتخانىسىغا ئايلانغان. كىتاب ئوقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھۇزۇرلىنىدىغان ئىشىغا ئايلانغان. ئۇ دەسلەپ قىزىقىشى بويىچە، رومان قاتارلىق ئاممىباب كىتابلارنى ئوقۇغان. بارا–بارا ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئىككى سائەت كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاممىباب كىتابلار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىلمىگە ئائىت كەسىپچانلىقى كۈچلۈك كىتابلارنى ئارىلاپ ئوقۇشقا باشلىغان. ئۇ «مەدەنىيەت سارىيى»دا سەككىز يىل ئىشلىگەن، شۇنداقلا سەككىز يىل كىتاب ئوقۇغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەدەنىيەت سارىيى»غا كىرگەندە، مەن باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىدە ئىدىم. سەككىز يىلدىن كېيىن، كىتابخانىدىن ئايرىلغاندا بىلىم– سەۋىيەم ئىستۇدېنتلاردىن قېلىشمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. سەككىز يىللىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ داڭلىق كارخانا باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالغان. چېن ماۋباڭ دۇنيانىڭ جاي–جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنداق بىر گەپنى دائىم تەكرارلاپ تۇرغان: شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، بىر كىشىنىڭ تەقدىرى كەچ سائەت 8 دىن 10 غىچە بولغان ئارىلىقتا بەلگىلىنىدۇ.

    ئېينىشتىيىن بىلەن لۇشۈننىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: ئادەمنىڭ پەرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقتى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. كانادالىق كىلىنىكىلىق مىدىتسىنا ئالىمى، تېببىي مائارىپچى ۋىليام ئوسلېر ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ئۈلگىسى. ئوسلېر ئۈچىنچى خىل قان ھۈجەيرىسى (قان پىلاستىنكىلىرى)نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ، ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشقان. ئوسلېر خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن، مۇنداق بىر قائىدە تۈزگەن: ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن 15 مىنۇت كىتاب ئوقۇش. ئوسلېر ئىشىنىڭ قانچىلىك كەچ تۈگىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 15 مىنۇت كىتاب ئوقۇشنى تاشلىمىغان. ئۇ بۇ ئادىتىنى يېرىم ئەسىر داۋاملاشتۇرۇپ، 1089 پارچە كىتاب ئوقۇغان.

    مەشھۇر «ئۈچ سەككىز نەزەرىيەسى» قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ۋاقتىنى ئۈچ سەككىزگە بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ: سەككىز سائەت خىزمەت قىلىش، سەككىز سائەت ئۇخلاش، سەككىز سائەت ۋاقتىنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش. كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى ئىككى سەككىز سائەت ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوخشاپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىق قالغان سەككىز سائەتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ. ۋاقىت ھەم ئەڭ رەھىمدىل، ھەم ئەڭ رەھىمسىز. ۋاقىت ھەممە ئادەمگە ئوخشاش. بىراق بايلىقى بار كىشىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بايلىقتىن پايدىلىنىشقا ماھىر كىشىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. كۈندۈزى تىرىكچىلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، كېچىسى تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىش ھازىر ئىختىساسلىقلارغا قويۇلۇۋاتقان تەلەپ. كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرق ئىشتىن سىرتقى ۋاقتى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن قانداق پايدىلىنىش ئۆمرىڭىزنىڭ نادانلىقتا ئۆتۈشى ياكى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتۈشىنى بەلگىلەيدۇ.

    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك