• دادىنىڭ قىزىغا تەلىم بېرىشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-28 04:10
  • دادىنىڭ قىزىغا تەلىم بېرىشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى

    چەتئەلدە بىر كىچىك قىزچاق باققان ئەرمەك ئىت ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان باربى قونچاقنىڭ بىر قولىنى چىشلەپ ئۈزىۋەتكەن، قىزچاق شۇنچە ئاچچىقلانغان بولسىمۇ بۇ ئوماق ئەرمەك ئىتتىن رەنجىشكە ئامالسىز قېلىپ، كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولغان. بەختكە يارىشا قىزنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر دادىسى بار ئىدى.

    گەرچە باربى قونچاق «ئېغىر يارىلانغان» بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئامال قىلىپ قۇتۇلدۇرغىلى بولاتتى. بۇنى كۆرگەن دادا بىر ئامال ئويلاپ چىقتى-دە، قونچاقنى ئۆزگىچە رېمونت قىلىشقا باشلىدى.

    ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ماتېرىيالى لېگاۋ تىرما ياغىچى ئىدى.

    باربى قونچاقنىڭ يېڭى قولى تىرما ياغاچ ۋە شىلىملەردىن ياسالغان ئىدى.

    ئۆزگىچە ياسالغان يېڭى قول تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغان بولۇپ، بۇ قونچاقنى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۆزگىچە قونچاق قىلىۋەتتى.

    كىچىك قىزچاق قارىماققا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن باربى قونچاقتىن بەكمۇ رازى ئىدى. دادىنىڭ بۇخىل ئۇسۇلى باربى قونچاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بۇ ئارقىلىق قىزىغا نۇرغۇن تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى، مەسىلەن، دۇنيادا %100 مۇكەممەل ئىنسان مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى، كىشىلەردىكى شۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ئۇلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئۆزگىچە كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك