• ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرى بېكىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-08-12 12:39
  • ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرى بېكىتىلدى

    ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزىلىدىغان ئىتالىيە «دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنىڭ باش رېپىرى بېكىتىلىپ بولغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ داۋىدې ماسسا.

    بۇ يىللىق ئىتالىيە «دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى» مۇسابىقىسى ئىتالىيە پايتەختى رىمنىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يەنە ئىككى ياردەمچى رېپىر سەپلەنگەن بولۇپ، بۇمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان تالاش-تارتىش پەيدا قىلىۋاتقان VAR تېخنىكىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قوللىنىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسى 2016/2017-يىللىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغىمۇ ئېرىشكەن «قوش شاھ» كوماندا، ئەمما ئىتالىيە «دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 2-بولغان كوماندا لازىئو كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە «دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك