• بوكس شاھى پاككۈيئاۋ سىنا تورى باش ئىشتابىدا زىيارەتتە بولدى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :0
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-08-12 12:02
  • بوكس شاھى پاككۈيئاۋ سىنا تورى باش ئىشتابىدا زىيارەتتە بولدى

    پاككۈيئاۋ كەلدى، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ئانچە ئىسسىق بولمىغان بىر چۈشتىن كېيىننى كۈتۈۋالدى، «فىلىپىن دۆلەت گۆھىرى»، بوكىس شاھى، دۇنيا بوكس ساھەسىدە 8 تۈردە ئالتۇن كەمەرنى قولغا كەلتۈرگەن چېمپىيونى ماننى پاككۈيئاۋ سىنا تورى باش ئىشتاب بىناسىنى زىيارەت قىلدى، سىنا تورىدا كەڭ مەستانىلىرى بىلەن بوكس ساھەسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، سىنا تورىدا مىكرو بىلوگ ئاچتى، شۇنداقلا سىنا تەنتەربىيە شەرەپ خادىمى بولدى.

    پاككۈيئاۋنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى باشقا بوكىسچىلاردەك قامەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما بوكس شاھىغا خاس سۈر-ھەيۋىتى يېتەرلىك ئىدى، باشقىلار شۇنداق سۈرلۈك ھېس قىلغان بىلەن، ئەمىليەتتە پاككۈيئاۋ ئىنتايىن چىقىشقاق، چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ بىر قانچە بوكس تۈرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى بولمىغان بىر قانچە بالىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەزى بىلىملەرنى ئۆگىتىشى ئۇنىڭ ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى، ئۇ يەنە بىر يەتتە ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ بوكس جەھەتتىكى تالانتىنى ماختاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى فىلىپپىنغا بېرىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغان، ھەمدە ئۇنى شاگىرتلىققا ئېلىپ، بىرگە-بىر ھالەتتە مەشىقلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    بۇ قېتىمقى زىيارەتكە پاككۈيئاۋ قۇرۇق قول كەلمىگەن بولۇپ، سىنا تورىدىكىلەرگە بىر كاتتا سوۋغا ئېلىپ كەلگەن، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بىر بوكىس كالتە ئىشتىنى ئىكەن. سىنا تورىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىر يەلپۈگۈچ سوۋغا قىلغان، پاككۈيئاۋ بۇ يەلپۈگۈچنى ماختاپ قولىدىن چۈشۈرمىگەن، پاككۈيئاۋ يەنە ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان ئورۇنغا بېرىپ، يېتەكلىگۈچىلەرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا سىنا بىلوگىدىن يېڭى بىلوگ ئېچىپ، تۇنجى ئۇچۇرىنى يوللىغان. نۆۋەتتە پاككۈيئاۋنىڭ جۇڭگوغا مەخسۇس سىنا تورىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ۋە ياكى باشقا پائالىيەتلەرگىمۇ قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق ئىكەن.

    تۆۋەندە پاككۈيئاۋنىڭ زىيارەت جەريانىدىكى سۈرەتلىرىنى نۇرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمىز:


    مەنبەسى :سىنا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك