• ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 3-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :0
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-08-12 12:42
  • ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 3-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ

    2017-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 14 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ,ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. 2018-ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

    15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 35 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﺪﯨﻦ 47 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﮕﯩﭽﻪ  ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺗﯧﺠﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﻴﯘ ﺟﻴﻪﻥ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ, ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ.

    ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎﻥ  ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ 3 ﻳﯩﻞ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ, ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ  ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ  3 ﻳﯩﻞ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ, ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ, ﺋﯩﺴﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﻟﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ, ﮬﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻠﻰ (ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﻰ, ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﻪﺳﻠﻰ) ﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 600 ﻳﯜﻩﻥ, ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 130 ﻳﯜﻩﻥ, ﺋﯩﺴﺴﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 120 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. 

    ﺷﻪﮬﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 600 ﻳﯜﻩﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ (ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻳﻪﺳﻠﯩﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ, ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ), ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 130 ﻳﯜﻩﻥ, ﺋﯩﺴﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 120 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺑﺎﮬﺎﻻﺷﺘﺎ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ, ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 600 ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ, ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

    ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﻪﮬﻪﺭ -ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ, ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ: ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﻪﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﻕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ.

    ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ 400 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﺑﺎﺭ, ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯜﻟﯜﺷﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ. ﻟﻴﯘ ﺟﻴﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ, 1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 1000 ﻳﯜﻩﻥ, 2-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 800 ﻳﯜﻩﻥ, 3-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 600 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

    ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ, ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ 600 ﻳﯜﻩﻥ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ 3-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﺎ, ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ 600 ﻳﯜﻩﻥ, ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ 1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ 2-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﯨﻲ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﭘﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻗﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. 

    مەنبەسى :سىنا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك