• ﺋﯚﻱ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-08-13 02:55
  • ﺋﯚﻱ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ

    ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ, ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﻱ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﺷﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯚﻱ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

    1. ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻤﺎﻱ, ﺗﯜﺯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻱ ﺑﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺗﯜﻧﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺵ, ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﯜﺯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻜﯩﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ, ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

    2. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻱ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺭﻭﺯﯦﺘﻜﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﯦﺘﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺳﺎﻣﺎﯞﻩﺭ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ. 

    3. ﻓﺎﺭ-ﻓﻮﺭ ﺧﯩﺶ ﺑﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﯕﻠﯘﻕ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ, ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ, ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

    4. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺗﻮﺭﯗﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻟﻰ ﻳﻮﻕ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ, ﺋﺎﺳﻤﺎ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺗﻮﺭﯗﺱ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ, ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺳﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﺎﻛﺎﺭ, ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯧﺘﺮ 60 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺗﻮﺭﯗﺱ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

    5. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻜﺎﭘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﻜﺎﭘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺗﻮﺭﯗﺳﻘﺎ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﯘﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﻮﺭﯗﺳﻘﺎ ﺗﺎﻗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﯩﺸﻜﺎﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﺴﺎ ﺑﺎﻟﻜﻮﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ, ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ, ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﯩﺸﻜﺎﭖ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ, ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.


    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك