• تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان 10 ھەقىقەت

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-18 12:50
  • تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان 10 ھەقىقەت

    1. تۇرمۇشى بەك ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ئادەم ھاكاۋۇر بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى قىلىپ كۆنۈپ قالىدۇ. بەك باياشات ئۆتكەن كىشىلەر بۇزۇپ-چېچىشتىن خالىي بولالمايدۇ، راھەتپەرەس كېلىدۇ. ئەگەر تۇرمۇشتا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق ۋە توسالغۇ بولمىسا ئاسانلا ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا غەرق بولۇپ شۇ پېتى ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ، شۇڭا ئوڭۇشسىزلىقلاردىن قورقماڭ، ئۇ سىزنى تېخىمۇ قالتىس قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

    2. ھاياتلىق خۇددى تۆت كوچىغا ئوخشايدۇ، ئارقىڭىزغا يانسىڭىز قورققان بولىسىز، سول، ئوڭ، ئۇددۇل، بۇلارنىڭ ھەممىسى يول، نېمىشقا كەينىگە يانىسىز؟ مۇشۇ ئۈچىدىن بىرنى تاللىغۇدەك جۈرئىتىڭىزمۇ يوقمۇ؟ نىشانىڭىزمۇ يوقمۇ؟ دەريالار ئېقىپ دېڭىزغا قوشۇلۇش جەريانىدا ئوخشاشلا ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، بىرى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ توسقۇنلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر ئېقىن شەكىللەندۈرۈش، يەنە بىرى توسالغۇلاردىن ئايلىنىپ ئېقىش، مەيلى قايسسىنى تاللىسۇن ئاخىرىدا يەنىلا دېڭىزغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ، شۇڭا تاللاشتىن قورقماڭ، بۇ پەقەت بىر جەريان خالاس، كېلىدىغان ئىش ھامىنى كېلىدۇ.

    3. بۇ ئۆمرىمىزدە توختىماي ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى، ساۋاق ئېلىشنى، قىلغان ئىشىمىزغا مەسئۇل بولۇشىمىزنى ئۆگىنىپ تۇرىمىز. ھەر تۈرلۈك قائىدىلەر بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە، ئىلگىرىلىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. ھاياتلىقتا پەقەت ئۈچ كۈنلا بولىدۇ: تۈنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتە. تۈنۈگۈن سىزگە ئەسلىمە قالدۇرىدۇ، ئەتە سىزگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ، سىزنىڭ قولغا كەلتۈرەلەيدىغىنىڭىز پەقەتلا بۈگۈن. بۈگۈنىمىزنى قەدىرلەيلى، قېرىغاندا پۇشايمانغا قالمايلى!

    4. مۇھەببەت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سەمىمىي ھېسسىيات، كەم بولسا بولمايدىغان تۇيغۇ. ئانىنىڭ مۇھەببىتى سىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ، ئاتىنىڭ مۇھەببىتى ئەڭ ئۇسسىغان ۋاقتىمىزدا بىزگە زەمزەم بولىدۇ، دوستنىڭ مۇھەببىتى كۈندىلىك خاتىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەر يېزىلغان بولىدۇ، ئۇستازنىڭ مۇھەببىتى سىزگە چىراغ بولىدۇ، كەلگۈسى يولىڭىزنى يورىتىدۇ...

    5. ھاياتلىق سەھنىگە ئوخشايدۇ، لېكىن بۇ سەھنىدە سىز مۇتلەق ئاساسلىق پېرسوناژ ئەمەس. ئىجادىيەت ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ، يېڭى مۇھىتقا ماسلاشقاندىلا ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇڭ، باشقىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماڭ. سەھنىگە چىققاندا ئەستايىدىل ھالدا نومۇر ئورۇنداڭ، لېكىن باشقىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەندە ئۇنچە بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتمەڭ.

    6. ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق ھەممە ئادەمگە ئادىل، تۇغۇلۇشىدىنلا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش تۇغۇلۇشىدىنلا قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ، بۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق. بىر ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنىش- قازىنالماسلىقىنى مال-دۇنيا بەلگىلىيەلمەيدۇ، بەلكىم ئۇ سىزنى ۋاقىتلىق ئۇتۇققا ۋە يولغا ئېرىشتۈرەلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۆمۈرلۈك ئۇتۇققا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. مال-دۇنيا بىلەن يالغان ئابروينى سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن، ئەشۇ مال-دۇنيالىرىڭىز تۈگەپ پۇل تېپىشقا ئامالسىز قالغىنىڭىزدا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىس-تۈتەككە ئايلىنىدۇ، دۇنيادىكى ھەممىدىن بىچارە ئادەمگە ئايلىنىسىز، شۇڭا ئىچكى دۇنيارىڭىزنى تولۇقلاڭ، ئەتراپىڭىزدا سىزگە خوشامەت قىلىدىغان ئەمەس بەلكى يېتەرسىزلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان دوستلىرىڭىز بولسۇن.

    7. بىر ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئۇنىڭ ئۇتۇق قازانغان -قازانمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەش توغرا ئەمەس، بۇ نۇرغۇن تەرەپلەرگە تاقىشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ موللۇقى، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولۇش، مىجەز-خۇلقى بولۇش، ئالاھىدىلىكى بولۇش، نىشانى بولۇش، ئىنتىلىشى بولۇش قاتارلىق. پەقەت ئۆزىڭىز ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز بار بولسىلا كۆڭلىڭىز توق، ئىچكى دۇنيارىڭىز باياشات بولىدۇ، تۇرمۇشىڭىزمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. پەقەت باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇتۇقنىڭ ئۆلچىمىنى نىشان قىلىپ ياشايدىغانلار مەڭگۈ بۇ خىل روھىي باياشاتلىقنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ.

    8. بىر ئادەمنىڭ جەلپكارلىقى ئۇنىڭ چىرايىدا ۋە ياكى دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىدا ئىپادىلەنمەيدۇ. جەلپكارلىق ياسالمىلىق قىلىش ئەمەس، ئۇ ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان ئەڭ راست، ئەڭ تەبئىي بىر خىل ھىد، بۇ ھىد سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالايدۇ، باشقىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئاكتىپ تەسىر قىلالايدۇ.

    9. بەزى ئوڭۇشسىزلىقلار سىزنى سەگىتەلەيدۇ، مۈگدەپ قالغان قەلبىمىزنى ئويغىتىپ تېخىمۇ توغرا قارار چىقىرىشقا سەۋەب بولالايدۇ، ئىش-ھەرىكىتىمىزنى توغرىلاپ بېرەلەيدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە قانداق بولۇشنى ئۆگىتىپ قويالايدۇ، بۇمۇ بىر ئىلگىرىلەش ھەم ئۆسۈپ يېتىلىش.

    10. يىلتىزى چىڭ بولمىغان دەرەخ مەزمۇت تۇرالمايدۇ. ئائىلىڭىز سىزنىڭ يىلتىزىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە بولغان روھىي مەدىتىگە قەتئىي سەل قارىماڭ. ئائىلىڭىز بەختلىك، كۈنلىرىڭىز خاتىرجەم بولسىلا ئاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كەسىپىڭىزگە ئاتلىنالايسىز. ھەرگىز ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن تۇرمۇش قۇرىمەن دەپ ئۆزىڭىزگە چەك قويۇۋالماڭ، بولمىسا بەخت قۇشىنى ئۇچۇرۇپ قويىسىز، ئۆزىڭىزنى تارتماڭ، ھەممە ئىشلار تەبئىي بولسۇن، ھەرگىز ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشسەملا ياخشى ئائىلىگە ئېرىشەلەيمەن دەپ قارىماڭ، بۇ ئوڭ تاناسىپ ئەمەس، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە باشقىلارنىڭ سىزنىڭ نېمىڭىزنى كۆزلىگىنىنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بەزىلەر ئائىلە قۇرۇپ ئاندىن ئۇتۇق قازىنىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇتۇق قازىنىپ بولۇپ ئائىلە قۇرىدۇ، بۇنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوق.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك