• بۇ 12 نەرسىنى ئورتاق ئىشلەتمەڭ، قەتئىي دىققەت قىلىڭ

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-14 05:46
  • بۇ 12 نەرسىنى ئورتاق ئىشلەتمەڭ، قەتئىي دىققەت قىلىڭ

        تىرناق ئالغۇچ

        ئائىلىدە تىرناق ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ئەمما ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا تىرناق ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر تىرناق ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىنى كېسىپ قانىتىۋالسا، تىرناق ئالغۇچقا قان ئارقىلىق يۇقىدىغان باكتېرىيە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيەسى قاتارلىقلار.

        ساقال ئالغۇچ
        ساقال ئالغۇچ تېرىنى ئاسانلا كېسىپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ساقال ئالغۇچقا قان يۇقۇپ قالسا، ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئاسانلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىق كېسەللىكلەر يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.

        ھالقا
        ئاياللار دوستلىرى بىلەن ھالقا قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تاقاشقا ئامراق. ئەگەر قۇلاق تۆشۈكىدە ياللۇغ بولسا، قان ئارقىلىق ھەر خىل كېسەللىكلەر يۇقىدۇ. شۇڭا باشقىلار بىلەن ھالقا قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ياكى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

        لۆڭگە
        لۆڭگىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە ئادەم بەدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان ئاجرالمىلار يۇقۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ماددىلار بار. ئائىلە ئەزالىرى بىر لۆڭگىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئاسانلا كېسىشمە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

        چىش چوتكىسى
        ئېغىز بوشلۇقىمىزدا نۇرغۇن مىكروبلار بار، بۇ مىكروبلار چىش چوتكىسىغا ئاسان يېپىشىۋالىدىغان بولغاچقا باشقىلار ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدا يارا بولسا، چىش چوتكىسىغا قان يۇقۇپ كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

        كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكى
        كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكىنى بەزى كىشىلەر ھەمراھى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئەمما كۆز تورلىشىش كۆزئەينىكى شەخسنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئاساسەن سەپلەنگەن بولغاچقا، باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتكەندە كۆزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ھەتتا بەزى كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك