• ئامەتلىك لاتارىيەچى «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-09-28 10:38
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    كىشلەر دائىم :"ھەر بىر ئادەمنىڭ قىززىقىشى ئوخشىمايدۇ ، ئوخشىمىغان كىشلەر ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ!"-دەيدۇ . لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن ، ئۇلار ئامراق ئۇيۇنلار ئوخشىمايدۇ ، ئۇلارنىڭ دو تىكىش ئۇسۇلى ۋە نۇمۇر تاللاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ ، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئوسمان ئەپەندىممۇ ھەم شۇنداق ، ئۇ ئادەتتە "دائىملىق لاتارىيە" ئۇيۇنى ئويناشقا ئامراق بۇلۇپ ، ئۇنىڭ نۇمۇر تاللاش ئۇسۇلى ئالاھىدە بۇلۇپ ھېچقانداق ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايتتى ، ئوسمان ئەپەندىم نۇمۇر تاللىغاندا ماشىنىسىنىڭ نۇمۇرىنى تاللاپ دو تىكىشكە ئامراق ئىدى . 
    ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇل بويىچە نۇمۇر تاللىشىغا بىر نەچچە ئاي بۇرۇنقى بىر قېتىملىق نۇمۇر تاللاش سەۋەپ بولغان ئىدى . ئۈچ ئاي بۇرۇن ، ئۇ لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىنىڭ ئالدىدا كۆرگەن بىر چوڭ ماشىنىىنىڭ نۇمۇرىنى يەنى "17732" نى تاللاپ دو تىككەن ئىدى ، ئويلىمىغان يەردىن شۇ قارار  مۇكاپات نۇمۇرى "732" بولدى ، پەقەت ئۈچ نۇمۇر توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ 32480 يۈەندىن قۇرۇق قالدى ، لىكىن ئوسمان ئەپەندىم شۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق نۇمۇر تاللاشقا ئامراق بۇلۇپ قالدى ، ئۇ ھەر كۈنى ئىشكىتىن چىققاندىن كىيىنكى بىرىنچى بۇلۇپ كۆرگەن ماشىنىنىڭ نۇمۇرىنى لاتارىيە نۇمۇرى قىلىپ تاللاپ دو تىكەتتى .
    8-ئاينىڭ 20-كۈنى ، ئوسمان ئەپەندىم ئىش بىجىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى ، ئۇ بىرىنچى بۇلۇپ "23479" نۇمۇرلۇق ماشىنىنى كۆردى ، ئۇ ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا كەلدى ۋە بۇ نۇمۇرغا 3 قارار بەش يۇلتۇز تەكشە تاللاش بويىچە دو تىكتى ، ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەن ئۇ ئۈندىدار توپىدا مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۋېتىپ ئۆزىگە 1 دو بەش يۇلتۇز تەكشە تاللاش بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ، 2 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ، 2 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلدى ، ئۇ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى . 
    8-ئاينىڭ 21-كۈنى ، ئوسمان ئەپەندىم ئاقسۇ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى ، ئۇ:" مەن ھەقىقەتەن بەك بەخىتلىك ئىكەن ، مەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا نۇمۇر تاللايمەن ! مەن بەك خۇشال بولدۇم !"-دېدى . 

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك