• قەلبى گۈزەل شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلبىدە ئۆتكۈزۈلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-09 07:44
  • قەلبى گۈزەل شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلبىدە ئۆتكۈزۈلدى


     9-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بورۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ قەلبى گۈزەل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلات  ئېلان قىلىش يىغىنى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپلىك  داڭلىق چولپانلار ، ھەرقايسى بايراقدار شىركەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ، شىنجاڭ قەلبى گۈزەل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرى ۋە رايونىمىزدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى،يىغىنغا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى نىجات ۋەلى ياقۇپ رىياسەتچىلىك قىلدى .ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ پۈتۈن جەريانى ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىپ ، نەق مەيدانغا كىلەلمىگەن تورداشلار تور ئارقىلىق پائالىيەت جەريانىغا تولۇق ئىشتىراك قىلدى .

    پائالىيەتتە ئالدى بىلەن  بۇ شىركەتنىڭ 2-چوڭ ماركىسى نەسىمىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىنكى يەنە بىر يېڭى تۈرى يەنى شىنجاڭ قەلبى گۈزەل خەلقئارا شىركىتىنىڭ ئۈچۈنچى چوڭ تۈرى بولغان نەسىمىي ئېسىلزادە تېرە ئاسراش يۈرۈشلىكىنىڭ بازارغا سېلىنىش يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .

    پائالىيەت كۈن تەرتىپى بويىچە يېڭى مەھسۇلات يوپۇقى ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن «نەسىمىي ئېسىلزادە تېرە ئاسراش يۈرۈشلىكى» نىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى مودىللارنىڭ بىر-بىرلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى ۋە رىياسەتچى نىجات ۋەلى ياقۇپنىڭ ھەربىر مەھسۇلاتنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىشى بىلەن سورۇن ئەھلىگە قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈلدى .

    «نەسىمىي ئېسىلزادە تېرە ئاسراش يۈرۈشلىكى»  دۇنياغا داڭلىق ھەرقايسى داڭلىق تېرە ئاسراس يۈرۈشلىكلىرىدىن قېلىشمايدىغان ئېسىل سۈپەتلىك مەھسۇلات بولۇپ ، رايونىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ تېرە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن مەھسۇلات بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان كۈنىدىلا نۇرغۇنلىغان سورۇن ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى ، ئېگەللىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا يىغىن ئېچىلىپ ھازىرغىچە 10 كۈن بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە ۋاكالەتچىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىشى ۋە يېڭىدىن مال زاكاس قىلىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ ، قەلبى گۈزەل شىركىتىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن .

    مانا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «نەسىمىي ئېسىلزادە تېرە ئاسراش يۈرۈشلىكى»  مۇراسىم نەق مەيدانىدا بىر -بىرلەپ سورۇن ئەھلىگە چۈشەندۈرۈلگەندىن كىيىن شىركەت لىدىرى قەلبىنۇر مەخەت بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرى ، سۈپەت ئۆلچىمى ، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئىنچىكە ، تەپسىلىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ چىقتى . 

    يېڭى مەھسۇلاتنىڭ  ئېلان قىلىنىشى بىلەن بۇ ئەلۋەتتە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى سېتىلىشىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تېرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ، قەلبى گۈزەل شىركىتى قورۇلغاندىن تاكى ھازىرغىچە جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ سېتىش جەھەتتىكى ئىزچىللىق بىلەن كۈچىشى ، ئۆزىنىڭ يىتەكلىگۈچىسى قەلبىنۇرغا  بولغان ئىشەنچىسى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ، مۇشۇ نەتىجىلەرنىڭ كەينىدە بىر قىسىم ۋاكالەتچىلەرنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ ھېسانلىغان قەلبى گۈزەل شىركىتى ۋاكالەتچىلەر ئىچىدىكى بىر قىسىم  كۆزگە كۈرىنەرلىك تۆھپىكارلارغا قەلبى گۈزەل شىركىتىنىڭ مۇكاپات بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزدى .

    ئارقىدىن قەلبىنۇر مەخەت ئۆزىنىڭ ئۈسۈپ-يىتىلىشىگە ، بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئاساس سالغان ئاتا-ئانىسى، ئورۇق -تۇققانلىرى ۋە يېنىدا ئىزچىل قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئاچىسىغا بولغان رەھمەت سۆزى ، مىننەتدارلىق سوۋغاتلىرىنى سورۇن ئەھلى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا تەقدىم ئەتتى .ئاتا-ئانا ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئۆزلىرى تەييارلىغان سوۋغات بويۇملىرىنى قەلبىنۇرغا تەقدىم قىلىپ ، سورۇن كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى تۈسكە قەدەم قويدى .

    ئاخىرىدا دىلئارا ئابدۇشۈكۈر ، جۇرابەگ ، غەيرەت قاتارلىق ناخشىچىلارنىڭ شوخ ناخشىلىرى بىلەن سورۇن ئەھلى سامالارغا چۈشۈپ پائالىيەتنىڭ خۇلاسىسى چىقىرىلدى ۋە يېڭى ۋاكالەتچىلەر بىلەن توختام ئىمزالاشنىڭ 29-چىسلادىن باشلاپ داۋاملىشىدىغانلىقى پائالىيەتكە تور ۋە نەق مەيداندىن قاتناشقان ھەر بىر پائالىيەت ئىشتىراكچىسىغا بىلدۈرۈلۈپ بۇ قېتىملىق شىنجاڭ قەلبى گۈزەل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاياغلاشتى .

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك