• ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھاراق ئىچىپ تاماكا چەكسە ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىش كېلىپ چىقىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-11 01:03
  • ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھاراق ئىچىپ تاماكا چەكسە ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىش كېلىپ چىقىدۇ

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. ئەنگلىيە «ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،  ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ھاراق ئىچكەندە ياكى تاماكا چەككەندە ئارتېرىيە زەخمىلىنىپ، ئارتېرىيە قېتىشىش ئەھۋال پەيدا بولىدىكەن. ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئادەت تەڭلا مەۋجۇت بولسا، زەخمىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، ئارتېرىيە قېتىشىشتىن يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى، دېۋەڭلىك ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئاشىدىكەن.

        لوندون داشۆسى پادىشاھ شۆيۈەنى بىلەن بىرىستول داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى بىر تۈرلۈك كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان، ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ ئاۋوندىكى 1266 ياش ۋە ئۆسمۈرنىڭ بەدەن سانلىق مەلۇماتىنى يىغقان ھەم بۇلار ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار 13 ياش، 15 ياش ۋە 17 ياشتىكى تاماكا چىكىش ۋە ھاراق ئىچىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان.

        تەتقىقاتچىلار ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدە بولمىغان بىر خىل قۇر