• بالا تەربىيەلەشتىكى خاتا ئۇسۇللار

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-11 01:14
  • بالا تەربىيەلەشتىكى خاتا ئۇسۇللار

    ئائىلە شارائىتى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى خاتا ئۇسۇللاردىن ساقلىنىشى كېرەك:

        چوڭلار ئۆزى ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقماسلىق

        بالا بېقىش جاپالىق، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۆمىلەشنى، مېڭىشنى ئۆگەنگەن بالىلارنى باقماق تېخىمۇ قىيىن. شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھەپتە ئاخىرىدا بالىغا ئۆيدە ھەمراھ بولۇشنى ئويلاپ، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقمايدۇ. ئەمما بالا ئۇزۇن مەزگىل ئۆيدە ئولتۇرسا، ھەرىكىتى ئازىيىپ، يېتەرلىك قۇياش نۇرىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، بالىدا ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن بويىنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بالىلار ئۆيدە ئولتۇرسا تېلېۋىزور ۋە باشقا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاڭلاش، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىپ، بالا دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىم ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىسى كەمچىل بولۇپ، بۇنداق بالىلار باشقىلاردىن يېتىرقايدىغان، ئىچ مىجەز، كىشىلىك ئالاقىدە ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.

        بالىنىڭ يىغىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بېرىش

        بالىغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ بېرىش بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز، بۇ يەنە چوڭ مېڭە ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىشىنى كونترول قىلمىغاندا، تاماق ۋاقتىدا ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئاسانلا سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار يىغلاپ جېدەل قىلسىلا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالسىلا، يىغلاش ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى قاندۇرماقچى بولىدۇ، بۇنداق بالىلار ئۆز بېشىمچى بولۇپ قالىدۇ.

        بالىنىڭ قورسىقىنى توقلاش ئۈچۈن بالىنى قوغلاپ يۈرۈپ تاماق يېگۈزۈش

        تاماقنى تېز يەيدىغان بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماي قالىدۇ. بالىغا تاماقنى زىيادە كۆپ بەرگەندە بالىنىڭ ئاشقازىنى چوڭىيىپ، سەمرىپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ تاماق يېگۈزۈپ قويۇشىغا ئادەتلەنگەن بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا مۇستەقىللىقى ناچار بولىدۇ، بۇنداق بالىلاردا ئاسانلا باشقىلارغا تايىنىدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ.

    ئائىلە شارائىتى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى خاتا ئۇسۇللاردىن ساقلىنىشى كېرەك:

        سوغۇقتىن قورقىدۇ، دەپ بالىغا بەك قېلىن كىيگۈزۈش

        بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ قان ئايلىنىشى ناچار بولغاچقا، پۇت-قوللىرى سوۋۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىغا بەك قېلىن كىيگۈزۈۋەتسە، بالا ھەرىكەت قىلسىلا تەرلەيدۇ-دە، قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، تېخىمۇ ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ، زۇكامداپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

        بالىنى بەزلەش ئۈچۈن باشقىلارنى بىگۇناھ ئەيىبلەش

        بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسى يېقىلىپ كەتسە، يەر، ئۈستەل قاتارلىق جىسىملار ياكى باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ بالىغا خاتا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا بالا مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان بولىدۇ، ئۆزى خۇلاسىلەپ، تۈزىتىشكە ماھىر بولمايدۇ، چوڭ بولغاندا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

        نەسىھەتكە قۇلاق سالماسلىق

        بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىدىيەسى قالاق بولغاچقا، بالىسى ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپارمايدۇ، ئۆيىدە يەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، بۇنىڭدا بالىنىڭ كېسىلى ساقايماي، داۋالاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەنلىكتىن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

        ئېھتىياتچان بولۇپ، كۆپ چەكلىمە قويۇش

        بالىلار قىزىققاق بولغاچقا دائىم دېگۈدەك «بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان»، «پاراكەندىچىلىك قىلىدىغان» تەۋەككۈلچىلىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك ئىزدىنىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى شوخلۇق دەپ قاراپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بالىنى ئەيىپلەيدۇ، ياكى بەزىدە بالىنى قاتتىق ئۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى بالىنىڭ قىزىققاقلىقى، تەۋەككۈلچىلىك روھىنى چەكلەپ قويىدۇ-دە، بالا دۇنيا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىدىن ۋاز كېچىدۇ، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. بىراق، ھەممە نەرسىلەر بالىنىڭ سىناپ بېقىشىغا ماس كەلمەيدۇ، مەسىلەن:  پىچاق، گاز، توك قاتارلىق خەتەرلىك نەرسىلەرگە بالىلارنى يېقىن يولاتماسلىق ھەمدە بالىغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك