• نىمىشقا ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى شۇنچە ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-15 06:51
  • نىمىشقا ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى شۇنچە ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ؟

    نىمىشقا ھازىر شۇنچە كۆپ ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى شۇنچە ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ؟ بۇ سەۋەبلەر ئەرلەرنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ!

    تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھامىلدار بولۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك سەۋەبى بالىياتقۇنىڭ مەسلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ مەسلىسىدۇر. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئاياللار ھامىلدار بولالماسلىق سەۋەبىنىڭ %35ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىشتەك بۇ خىل كېسەللىك نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش تەييارلىقىدا كۆپ قېتىم ئەمەلگە ئاشماي دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بالىياتقۇغا ئوخشىمايدۇ، ئادەتتە سىرىتقى جەھەتتىن كۆرۈش بىرقەدەر تەس. ئاياللاردىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇشنىڭ گەرچە ئۆزىچە سەۋەبى بولسىمۇ، ئەگەر تۇغما تۇخۇم توشۇش نەيچىسى غەيرىلىك بولمىسىلا، كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ بۇ خىل كېسەللىكىنى يەنىلا ئەرلەر بىلەن خېلى چوڭ مۇناسىۋىتى بار.

    1.    ئاياللاردىكى دائىملىق بويىدىن ئاجىراش

    بويىدىن ئاجىراش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە خېلى ئېغىر تەسىر قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىملىق بويىدىن ئاجىراشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنىنى ئاسانلىقچە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن بالىياتقۇغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، كۆپ قېتىم بويىدىن ئاجىراش ئاياللاردا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ھەرقېتىملىق بويىدىن ئاجىرىغاندىن كېيىن، ئەگەر پەرۋىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمەي قالسا، مىكروبلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ناھايىتى ئاسانلا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللاردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرىدۇ.

    2.ھەيز مەزگىلىدە ۋە ھەيىزنىڭ ئالدى-كەينىدە بىرگە بولۇش

    ھەيز مەزگىلىدە بىرگە بولغاندا ئاياللاردىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ناھايىتى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئەمەلىيەتتە ھەيز مەزگىلىدە بىرگە بولۇشقا قوشۇلمايدۇ، ئەمما بەزىلىرى يەنە ئەرلەرنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ كېلەلمىگەنلىكتىن ئامال يوق بولۇپ قالىدۇ. يەنە نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھەيزنىڭ ئالدى-كەينىدە بەدەندىكى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىرگە بولۇشنى تاللاش ئېھتىياجىمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەيز مەزگىلىدە ھەمدە ھەيزنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئۈچ كۈننىڭ ھەممىسى بىرگە بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ. 

     چۈنكى بۇ ۋاقىتتا باكتىرىيىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئاياللارنىڭ بەدىنىگە كىرىۋالىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئاياللارنىڭ ھەرخىل ياللۇغلارغا گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ توغرا بولماسلىقى ئېغىرلاپ كەتكەندە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر قىلىدۇ. 

    3. ئەگەر جۆرىسى تازىلىققا دىققەت قىلمىغاندا

    نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئەمەلىيەتتە ئۆزى تازىلىققا بەك دىققەت قىلىدۇ، ئەمما ئىككى جىنىس جەھەتتە، پەقەت ئۆزىلا تازىلىققا رىئايە قىلغان بىلەنلا كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەگەر جۆرىسى تازىلىققا رىئايە قىلمىسا، ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا ئۆزى ئىگە بولالمىغانغا باراۋەر. تاساددىپىي مىكروبلار ئاياللارنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كەتكەندە، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ. 

    تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇش، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولغاندىن سىرت، ئادەتتە ئاياللارنىڭ بىرقىسىم ئادەتلىرىنىڭمۇ ئانچە-مۇنچە تەسىرى بار، مەسىلەن ئادەتتە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش، قاننىڭ راۋان ئايلانماسلىقى سەۋەبىدىن تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئەگەر ئادەتتە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرگەنلەردىمۇ، ناھايىتى ئاسانلا بەدەندىكى ھورمون قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەيلى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياكى تۇخۇمدان بولسۇن تەسىرى بولىدۇ.

    ئەگەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالمىسۇن دىسىڭىز، تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققە قىلىڭ:

    1.مۇۋاپىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇزۇن ئولتۇرۋالماسلىق، خوشال كەيپىياتنى ساقلاش.

    2.ئادەتتە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، بىرلا ۋاقىتتا جۆرىسىنىڭمۇ شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلىشنى نازارات قىلىش.

    3.يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى، سوغۇن نەرسىلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش.

    4.ئىدىيىدە ئازات بولۇش ئەمما ساغلام جىنسىي تۇرمۇش ئادىتىدە بولۇش.

     

    مەنبەسى :بوغدا دوختۇرخانىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك