• كورىيەلىك داڭلىق چولپان15يىل كېسىلىشى مۇمكىن،ئۇ بۈگۈن كەچۈرۈم سورىدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-04 05:18
  • كورىيەلىك داڭلىق چولپان15يىل كېسىلىشى مۇمكىن،ئۇ بۈگۈن كەچۈرۈم سورىدى

    بېيجىڭ ياشلار گېزىتى خەۋىرى ، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بورۇن كورىيەلىك داڭلىق كىنو چولپىنى پاك يۇچۇن زەھەر چېكىش جىنايىتى بىلەن قولغائېلىنىپ ،بۈگۈن رەسمىي ھالدا تەپتىش مەھكىمىسىگە ئاپىرىلدى.

      5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى، كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاك يۇچۇن تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، بۇ ئۇنىڭ زەھەر چېكىش ئىشىدا ئەدلىيە جازاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  پاك يۇچۇن تاراتقۇلار ئېكرانىنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلىگەنلىكىدىن چىن كۆڭلىدىن ئەپۇ سوراپ مۇنداق دېگەن: « مەن ئىزچىل يالغان سۆزلىدىم، نۇرغۇن ئادەمگە يۈز كېلەلمەيمەن، مەن جازاغا ئۇچرىدىم، خاتالىقىم ئۈستىدە ئويلىنىمەن، كەچۈرۈڭ. ».

      ئىگىلىنىشىچە، پاك يۇچۇن زەھەر چېكىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ زەھەر چەككەنلىكىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىنكار قىلغان، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم زەھەر چېكىش ئىشىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشى ھەم كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىشى ئىكەن.

    پاك يۇچۇننىڭ زەھەر چەككەنلىكى ھەققىدىكى بۇ دىلو كورىيەدە توپتوغرا بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتى، ئەمما كۆپ قېتىم پاك يۇچۇننىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىدى، بۇ داڭلىق چولپان ئاخىرى ساقچى تەرەپنىڭ پولاتتەك ئىسپاتىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، زەھەر چەككەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ داڭلىق چولپاننىڭ ئوزۇن يىللىق ھاياتى تۈرمىدە ئۆتىدۇ، كورىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاك يۇچۇن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرايدىكەن،  « سۇيۈەن» دېلوسىدىكى جاۋ دۇچۈننىڭ ۋاقتىدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان، نېمىشقا پاك يۇچۇن بۇنداق ئوزۇن كېسىلىدۇ ،   نېمە ئۈچۈن جاۋ دۇچۈننىڭ ۋاقتىدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ؟ 

    بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى سالونىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ .

    مەنبەسى :北青网




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك