• ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلارغا 1310 خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-06 03:21
  • ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلارغا 1310 خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر خىل ئىختىساسلىقلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ 2019- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇن ۋە ئىش ئورنىنى تاللاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.
     ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2019-يىلى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى (1-تۈركۈم) ئېلان قىلىندى.
      1. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش 
     بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىن 34نى، پىلان بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىمىدىن 1310نى قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەستىقلىغان كەسپىي شتات ۋە ئىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ.
    2. بىر قانچە چۈشەندۈرۈش
     (1) بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار ئىش ئورنى ئۇچۇرى بولۇپ، تەكلىپ قىلىشنىڭ كونكرېت خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ساھە مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.  مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ۋە ھەر قايسى ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تور بېكىتى ئېلان قىلغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا دىققەت قىلىڭ.
     (2) بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى2019- يىلى ئەتىيازدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قوش 1- قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى تەكرار بولسا، ھەر قايسى ساھە مەسئۇل تارماقلىرى ئېلان قىلغان تەكلىپ قىلىش ئېلانى ئاساس قىلىنىدۇ.  ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنىڭ يېشى ئاخىرلىشىش ۋاقتى، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى پايدىلىنىش مۇندەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ئېنىق شەرتلەرنى قويۇشقا توغرا كەلسە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساھە مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئېلان قىلغان تەكلىپ قىلىش ئېلانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
    (3) ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئىش ئورنى جىنسى، مىللىتى ئايرىمىسى، يېشى، ئوقۇش تارىخى ئىلمىي ئۇنۋانى، كەسپى، نوپۇسى ۋە باشقا چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش ئورنىنى تاللاپ ئىمتىھان بېرىشى كېرەك.
     قوشۇمچە ھۆججەت  2019-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا خادىم تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى تەسىس قىلىش جەدۋىلىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ (بىرىنچى تۈركۈم )
     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى
    2019-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 

    مەنبەسى :ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك