• ئامەتلىك لاتارىيەچى 5 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-06 11:36
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 5 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    باش باھارنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق بولغاچقا كىشىلەرنىڭ دالا پائالىيىتى بارغانسېرى كۆپەيدى، بورتالا شەھىرىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە دالا سېتىش نۇقتىسىدا كىشىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بەلكىم لاتارىيەچىلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم چوڭ مۇكاپاتقا ئازلا قالغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر دائىم خۇشال بولۇپ كېتەتتى.
    25-مارت چۈشتىن كېيىن بورتالا شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە دالا سېتىش نۇقتىسىدا بىر نەچچە ئادەم چۆرىدەپ ئولتۇراتتى، بەزىلىرى پۈتۈن دىققىتى بىلەن لاتارىيە ئويناۋاتاتتى، بەزىلىرى بىر چەتتە تۇرۇپ كۆرۈۋاتاتتى.  ئا ئەپەندى ئايالى بىلەن يەسلىگە باللىرىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىدى ، ئۇنىڭ ئايالى بالىسىنى ئالغىلى كەتكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېتىش نۇقتىسىدا بىر چەتتە تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ تۇرغان ئىدى .  قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭمۇ ئوينىغىسى كەلدى ، رەڭدار لاتارىيە بىلەتلىرى ئىچىدىن 5 يۈەنلىك بىر لاتارىيە بېلىتى ئالدى ، ئويۇن قائىدىسىنى كۆرۈپ بىر چەتتە تۇرۇپ لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى .  ئۇ ئالدى بىلەن« مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» نى قىرغان بۇلۇپ « 5» دېگەن ساننى پەيدا قىلدى!  ئا ئەپەندىنى ھەيران قالدۇرغىنى مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ ئاستىدا بىر قاتار مۇكاپات رەقەملىرى بولۇپ باشتىكى رەقەم « 2» بولۇپ، كەينىدە« 0» لار كۆپ ئەگىشىپ چىقتى!  ئىككى مىڭ؟  توغرا ئەمەس، 20 مىڭ؟  ! توغرا ئەمەس! 200 مىڭ !!! ئا ئەپەندى كۆزىگە ئىشەنمەي يېنىدىكى كىشىدىن سورىدى، باشقىلار ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ: « سىز ھەقىقەتەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز، قاراڭ، بۇ 200 مىڭ يۈەن! سىز ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنسىز!  دېدى» ئا ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، مال ساتقۇچى كۆرۈپ ئۇنى بورتالا ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە تېز بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى ئەسكەرتتى.  بۇ چاغدا ئا ئەپەندى قانداق قىلغاندا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى ، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىنىڭ ئادرېسى ۋە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىشىنى قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئېيتىپ بەردى.

    ئىككىنچى كۈنى، ئا ئەپەندى بورتالا ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى تارقىتىش مەركىزىگە كېلىپ، 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئالدى.  مۇكاپات نەقلەشكەندىن كېيىن ئا ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن ، ئويلىمىغان يەردىن بالامنى ئالغىلى بېرىش يولىدا بەش يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم، 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى ، بۇنىڭغا راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ!  مەن ئايالىم ۋە بالامغا ياخشىراق سوۋغات ئېلىپ بېرىمەن! »-دېدى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك