• ياڭ خانىم 3D ئويۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-06 11:39
  • ياڭ خانىم 3D ئويۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    3D ئويۇنى تىلغا ئېلىنسا پارۋانلىق لاتارىيە ھەر قايسى ئۇيۇنلىىرى ئىچىدە، يەككە مۇكاپات سوممىسى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن نۇرغۇن مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.  « لاتارىيە ئويناشتا تېخنىكا ۋە ماھارەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئەلۋەتتە، كۆڭۈل ئېچىش تېخىمۇ مۇھىم».
    توڭجيا ئەسىر شەھەرچىسىدە تۇرىدىغان ياڭ خانىم 3D ئويۇنىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.  ياڭ خانىم ئۆز ئالدىغا بىر دۇكان ئاچقان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ يېنىدا 65010771 پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش نۇقتىسى بار ئىدى، دۇكاندا تىجارەت يوق چاغدا ئۇ دائىم لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا قەدەم باساتتى، يەنە تېخى بېلەت ساتقۇچى بىلەن بىرلىكتە لاتارىيە تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، تېخىمۇ قىممەتلىك يېرى شۇكى، سېتىش نۇقتىسىدا لاتارىيەچىلەر ئارىسىدا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ لاتارىيە ئويناش تېخنىكىسىنى ۋە تەجىربىسىنى يۇشۇرمايتتى، ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولسا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇراتتى.  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ياڭ خانىم 3D ئۇيۇنىنى ئويناشقىمۇ قىزىقىپ قالدى.
    نومۇر تاللاشنىڭ سىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ياڭ خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەندە ھېچقانداق ئالاھىدە سىر يوق، مېنىڭچە لاتارىيەنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، يۆنىلىش خەرىتىسىدىن بەزى قانۇنىيەتلەرنى تېپىش كېرەك.  خۇددى مەن بۇ قېتىم دو تىككەنگە ئوخشاش، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۇلانما نومۇرى چىقىپ باقمىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇڭا« 012» ۋە« 345» دېگەن ئىككى خىل نومۇرنى تاللىدىم. ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش، بۇ ئىككى نومۇرغا 50 ھەسسە تاق ئۇسۇل بىلەن دو تىككەن ئىدى، شۇ كۈنى ياڭ خانىمنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، 012 گە يەنە 40 ھەسسە قوشۇپ دو تىكتى .

    شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى 2019075 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇر« 012» بولۇپ، ياڭ خانىم 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتنى قولىغا ئالغاندا ياڭ خانىم مۇكاپات پۇلىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇ ئالدى بىلەن ئېشىپ قالغان قەرز پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ ئاندىن سەنياغا بېرىپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ئەڭ ئاخىرىدا بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنىڭ ئازغىنە كۈچىنى چىقىرىپ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، كېيىنكى قېتىملىق تەلەيگە تېخىمۇ تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك