• رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-13 10:24
  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)



       ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 2:30 دە، 2018-2019-مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىسىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا رىم كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا بەش ئايلانما بۇرۇن ئېرىشكەن يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.

      ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دىبالا تۈۋرۈك سوقتى.  ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى، كىيىنكى يېرىم مەيداندا كىرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزدى، بىراق ئوفسايت دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ بىكار قىلىندى .
     ئارقىدىن رىم كوماندىسىدىن فلورېنزى توپ كىرگۈزۈپ نومۇرغا ئېرىشتى.  پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، يۇۋېنتۇس كوماندىسى مېھمان مەيداندا 0-2 رىم كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. 
     ئىككى كوماندا ئىتالىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا 169 قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇۋېنتۇس 81 مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان، 49 مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلەشكەن،  39 مەيدان مۇسابىقىدە رىم كوماندىسى غەلىبە قىلغان.  يېقىنقى ئالتە قېتىملىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە، يۇۋېنتۇس تۆت ئۇتۇپ بىر تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرغان، بىردىنبىر ئۇتتۇرۇش 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىتالىيە بىرلەشمىسى 36-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئەينى ۋاقىتتا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 3-1 رىم كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك