• ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-13 09:00
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

     « نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىلىدىكى لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋەرى تارقالغاندىن كېيىن، ئايالىم بىلەن ئىككىمىز قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيەسىنى ئويناشنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق، بىزگىمۇ كاتتا مۇكاپات چىقىپ قالسا دەپ ئۈمىد قىلىدىغان بولدۇق ..... » لاۋ ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىدى.  ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئازراق پۇل خەجلەپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە سېتىۋالغاندا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپلا قالماي، بەلكىم يەنە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن ، مۇكاپات چىقمىغان تەقدىردىمۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ، بۇ بەك ياخشى ئىش. 
    3-ئاينىڭ 31-كۈنى يەكشەنبە، لاۋ ۋاڭ ئايالى بىلەن چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تاماق سىڭدۈرمەكچى بولۇپ، غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ماۋيې سودا سارىيىغا باردى.  ئىككىنچى قەۋەتكە چىققاندا لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىكى « شياۋخۇاڭ» خۇددى ئىككىيلەنگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغاندەك ھىس قىلدى ، لاۋ ۋاڭ ئايالى بىلەن بىر-بىرىسىگە قارىشىپ قالدى ، ئۇلار يان تېلېفونىنى ئېلىپ 10 يۈەن قىممىتىدىكى« تەلەيلىك گۆھەر 10» نى سىكانىرلىدى .  ئايالىغا 100 يۈەنلىك كىچىك مۇكاپات چىقىپ، بەك خۇشال بولدى.  ئۇلار يەنە لاۋۋاڭغا چىققان مۇكاپاتقا قاراپ ھەيران قالدى، لاۋۋاڭ دەرھال لاتارېيە بىلىتىنى خوتۇنىغا سۇنۇپ: « كۆرۈپ بېقىڭ، مۇكاپات چىقىپتىمۇ ؟ » دېدى.  ئايالى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىككى قېتىم قاراپ ئاغزىنى ئاچقىنىچە لاۋۋاڭغا چاپلىشىپ تۇرۇپ: « شۇنداق، سىز 300 مىڭ يۈەنلىك چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز! » دېدى. ئامەت ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىر ئىش بولدى، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بازار ئايلانمايلا قولتۇقلىشىپ مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپلا ئۆيگە قاراپ ماڭدى.

    يېقىندا، لاۋ ۋاڭ ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى.  ئىككىيلەن خۇشال ھالدا: « چوڭ قىزىم بۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدى، ئوقۇش خىراجىتىدىن غەم قىلىۋاتقان ئىدىم ، بۇ مۇكاپات دەل ۋاقتىدا كەلدى  ، ئائىلىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى» دېدى.  



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك